تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشتى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

1423406
تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە، يۇقۇم سانى قايتىدىن مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشتى.

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 29 غا چۈشۈشى بىلەن، بۇ سان 4 مىڭ 369 بولدى.

24 سائەتتە 21 مىڭ 492 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 987 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 321 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 120 مىڭ 15 كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر