قالىن: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا جەمئىيەت يېتەرسىز قالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1419320
قالىن: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا جەمئىيەت يېتەرسىز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن  YouTube تىن نەق مەيدان پىروگراممىسىغا قاتناشتى، ھەمدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە ئانالىزلاردا بولدى.

ئۇ، تۈركىيەدە ساغلامىلق تەدبىرلىرى، ئاممىۋى تەرتىپ، يېمەك - ئىچمەك ساھەسى، قاتناش، خەۋەرلىشىش ساھەلىرىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مەزگىلىدە ياۋروپادا ياۋروپا ئىتتىپاقى پىكرى ۋە ھەمكارلىق روھى ئاجىزلاپ كەتتى، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى پىكرى مەسىلىسىگە گۇمان بىلەن قاراش يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ يۇقۇمغا تەييارلىقسىزلا دۇچ كەلگەن ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە قانۇنىي سالاھىيىگە قارىتا گۇمان تۇغۇلماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ رولىنى قانچىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىدى؟ 20 – گ گۇرۇھى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىزىپ كەتتى. بۇنداق تالاش - تارتىش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. قىسقىسى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مەزگىلىدە خەلقئارا جەمئىيەت يېتەرسىز قالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر