تۈركىيەنىڭ 2 – ياردەم ئايروپىلانىمۇ ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەۋەتكەن تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان 2 – ھەربىي يۈك ئايروپىلانى پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

1409248
تۈركىيەنىڭ 2 – ياردەم ئايروپىلانىمۇ ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئەۋەتىلگەن، تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان  تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت « C-130» تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت ئەنقەرە ۋاقتى 23 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە) پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئادرېۋس ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا قوندى.

ئايروپىلاندىكى تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان يېشىكلەرنىڭ ئۈستىگە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بەلگىسى قادالدى، ھەمدە 13 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئالىم، مۇتەسەۋۋىپ مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكتىن كېيىن قانچىلىغان ئۈمىدلەر باردۇر، قاراڭغۇ تۈنلەردىن كېيىن سان – ساناقسىز تاڭلار ئاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئىنگىلىز ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلدى.

سەيشەنبە كۈنى ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئايروپىلاندىكىگە ئوخشاشلا، بۇ قېتىمقى ئايروپىلاندىكى يېشىكلەرمۇ ماسكا، تۇلۇم، يۈزنى قوغداش ئۈسكۈنىسى، دېزىنفېكسىيە دورىسى، ۋە قوغدىنىش كۆزەينىكى قاتارلىق  تېببىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 55 دۆلەتكىمۇ تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر