تۈركىيەدە بۈگۈن 89 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۈنسېرى ئازايماقتا.

1407909
تۈركىيەدە بۈگۈن 89 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 89 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 3081 گە يەتتى.

مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە 43498 ئادەمنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2936 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈن يېڭىدىن 5231 ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 44022 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىلىم – پەن كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ %10 گە چۈشكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ سىناقتىن ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنى بۇ نۇقتىغا تەدبىرلەرگە بويسۇنۇش ۋە سەزگۈرلۈك ئېلىپ كەلدى» دېدى.

مىنىستىر كوجا يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر تۆۋەنلەش يۆنىلىشىگە كىرگەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز، بىراق بۇنىڭ ئۈزۈل – كېسىل بولۇشى مۇھىم» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ يەنە، بۇ جەرياندا 7428 سەھىيە خادىمىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتىنىڭ %6.5 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر