پ ك ك ئەزاسى تېررورچى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچى شىۋېيتسىيەدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

1404033
پ ك ك ئەزاسى تېررورچى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ ئاتالمىش جىزرە مەسئۇلى «زىبو» لەقەملىك تېررورچى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ شىۋېيتسىيە دائىرىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

بۇ تېررورچى پ ك ك نىڭ سېپىگە 2014 – يىلى قېتىلغانىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د – ي پ گ نىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى گۇرۇپپىلىرىغا ئەزا قازاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بۇ تېررورچى، شىرناقنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە 2015 – 2016 – يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، پ ك ك نىڭ سېپىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى قوراللىق توقۇنۇشلاردىن ئورۇن ئالغانىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا پۇتىدىن ۋە قولىدىن يارىلانغاندىن كېيىن داۋالىنىش ئۈچۈن قانۇنسىز يوللار بىلەن دۆلەت سىرتىغا قاچقان، ھەمدە قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، قوراللىق بولاڭ – تالاڭ قىلىش، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى – پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىغا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جىنايىتى» دىن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى.

مەزكۇر تېررورچى، بۇ يىل شىۋېيتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇشىغا قارىماي، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە شىۋېيتسىيە دائىرىلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر