ئەردوغان ۋۇجىج بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇجىج بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1395818
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋۇجىجنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغان ئوغلىغا شىپالىق تىلىگەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.