چاۋۇشئوغلۇ ئولىۋېر ۋارھېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارھېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1394262
چاۋۇشئوغلۇ ئولىۋېر ۋارھېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئولىۋېر ۋارھېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن نامزات دۆلەتلەر كورونا ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك. سەھىيە، سودا ۋە قاتناش ساھەلىرىدە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر