ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن تۈركىيە پۇقرالىرىغا ماسكا تارقىتىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن تۈركىيە پۇقرالىرىغا ماسكا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سەھىيە مىنىستىرلىقىمىز بىلەن قاتناش ۋە ئۇل- ئەسلىيە قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىمىز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 20 – 65 ياش ئارىلىقىدىكى پۇقرالىرىمىزغا ماسكا تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ دائىرىدە، < https://maske.epttavm.com > ئىنتېرنېت تور ئادرېسىدىن ئىلتىماس سۇنغان ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۆيىگە ھەر ھەپتە 5 دانە ماسكا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ماسكا تەلەپ قىلىدىغان ئائىلە ئەزالىرى يۇقىرىدىكى ئىنتېرنېت تور ئادرېسىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىشى لازىم.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.