تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى 501 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 501 گە يەتتى.
1391410
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە 76 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 501 گە يەتتى.
24 سائەت ئىچىدە يەنە، 19 مىڭ 664 كىشى تەكشۈرۈلۈپ، 3013 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
تۈنۈگۈن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 302 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي ئەسلىگە كەلگەن بېمارلارنىڭ سانى 786 گە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.