88 دۆلەت تۈركىيەدىن تىببىي ياردەم تەلەپ قىلغان

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش مۇساپىسىدە، 88 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىن تىببىي ئەسلىھە ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1390105
88 دۆلەت تۈركىيەدىن تىببىي ياردەم تەلەپ قىلغان
fahrettin koca dso direktoru.jpg
fahrettin koca.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا رايونى دىرېكتورى ھانس كلۇگ (Hans Kluge) بىلەن ۋىدېئو ئارقىلىق كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. تۈركىيە بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا رايونى ئوتتۇرىسىدا 2020- ۋە 2021 يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئىككى يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

كۆرۈشۈشكە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن تۈركىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پاۋېل ئۇرسۇ (Pavel Ursu) مۇ قاتناشتى.

 ھانس كلۇگ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى مەركىزىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەھىيە خادىملىرىنىڭ تېگىشلىك شەكىلدە قوغدىنىشى ئۈچۈن ماسكا ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ قاتارلىق تىببىي لازىمەتلىكلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ مەسىلىدە ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ياردەم قىلغان تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە: «ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئۆلۈم نىسبىتى مەلۇماتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغانلىقىڭلارنى تەقدىرلەيمەن» دېدى.

ئۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا، پۈتۈن كۈچنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر ۋە نامايان قىلىنغان رەھبەرلىك ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ تەبرىكلىدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققان دەسلەپكى كۈنلەردىن باشلاپلا مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تۈركىيەگە تارقىلىش سۈرئىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «دۇنيادا باشلانغاندىن 90 كۈن كېيىن، يەنى 2020-يىلى 10-مارت تۈركىيەدە تۇنجى ۋەقە كۆرۈلدى. ياۋروپادا ۋىرۇس تارقالغان ئاخىرقى دۆلەت بولدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىنىڭ تولۇش نىسبىتىنىڭ %62 ئىكەنلىكىنى، قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە يېتىدىغان ۋە ياۋروپا رايونىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تىببىي ئەسلىھە توغرىسىدا چەت ئەللەردىن نۇرغۇن تەلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «30 غا يېقىن دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشتۇق. بۇ مۇساپىدە 88 دۆلەتنىڭ تىببىي ئەسلىھە تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىشنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر