ئاغرىدا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئاغرىدا ئىران چېگراسى ئارقىلىق تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1388428
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاغرى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى خادىملىرى، يېرىم كېچىدە ئىران چېگراسى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى بايقىغانلىقىنى، توقۇنۇش نەتىجىسىدە بىر ئايال تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.