ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىككى رەھبەر ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنىڭ دۇنياۋى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئىككى رەھبەر يەنە، يۇقۇملىنىشنى باشقا تەسىرلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار بىلەن مەلۇمات ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتا زۆرۈر تەدبىرلەرنى بېسىشنى قارار قىلدى.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ، «سۈرىيە بىلەن لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى» قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.