تۈركىيەنىڭ دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلار، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) نى چۆرىدىگەن ھالدا ھىندىستان قاتارلىق رايون ئەللىرىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1388489
تۈركىيەنىڭ دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلار، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن ھىندىستان، نېپال، مولداۋىيە ۋە بۇتانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى «بىر مۇددەت ئۆيدىن چىقماسلىق»نى تەۋسىيە قىلدى.

تورۇنلار، ھىندىستان مىقياسىدا 15 – ئاپرېلغىچە، ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە، كوچىغا چىقىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىندىستان، نېپال، مولداۋىيە ۋە بۇتاندا ئەلچىخانىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرى ئارقىلىق كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلارنىڭ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تورۇنلار، بۇ دۆلەتلەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى ئەلچىخانا بىلەن بىرلىكتە بومباي ۋە ھايدەرئابادتىكى كونسۇلخانىلار بىلەن 7 كۈن 24 تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىرغىچە ھىندىستان ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتتە بىرمۇ تۈركىيە پۇقراسىدا كوۋىد – 19 يۇقۇمى بايقالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تورۇنلار، بۇ دۆلەتلەردىكى تۈركلەرنى مەجبۇر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە بىر مەزگىل سەۋر قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايلىرىدىن قوزغالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر