تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 131 گە كۆپەيدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى يېڭىدىن 23 كىشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن جەمئىي 131 گە يەتتى.

1387293
تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 131 گە كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 1815 كىشىدە كوۋىد – 19 بايقالدى، 23 ئادەم قازا قىلدى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9217 گە، جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 131 گە يەتتى» دېدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى بولسا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 35 كىشىنىڭ ساقىيىپ بالنىستتىن چىققانلىقىنى، ھازىرغىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 105 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر