ئوقتاي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى كوردىناتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارىتا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر ھەققىدە كوردىناتسىيە (ماسلاشتۇرۇش) يىغىنى چاقىرىلدى.

1383108
ئوقتاي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى كوردىناتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە چانقايا سارىيىدا چاقىرىلغان كوۋىد – 19 تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كوردىناتسىيە يىغىنىدا، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قوشۇمچە چارە – تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىدارە ئىشلىرى باشلىقى مەتىن قىراتلى قاتارلىقلار قاتناشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر