تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باينات بېرىپ، « فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 2 تېررورچى، قەھرىمان كوماندېرلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندىكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئاغرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىستىخبارات ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش شۆبىلىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا «تولخىلدان ئازات» تەخەللۇسلۇق رامازان گۈچەرنىڭ ماردىندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قايىل قىلىش يولى بىلەن تەسلىم بولغانلار سانىنىڭ 63 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.