پاناھلانغۇچىلارنىڭ ياۋروپا چېگراسىدىكى كۈتىشى 18 - كۈنىگە قەدەم قويدى

ئەدىرنەگە بېرىپ ياۋروپاغا ئۆتمەكچى بولغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۈتىشى داۋاملاشماقتا.

1378901
پاناھلانغۇچىلارنىڭ ياۋروپا چېگراسىدىكى كۈتىشى 18 - كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپىنچىسى دەريا ئۆتەڭلەرنى ئىشلەتكەن بىر قىسىم پاناھلانغۇچىلار بولسا، گىرېتسىيەنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پازاركۇلە – كستانېس چېگرا ئېغىزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپ رايوندا ۋە ئەتراپتىكى ئورمانلىقتا ساقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

چېدىرلاردا كېچەلەۋاتقان 10 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىلار قىيىن شارائىتتا كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يۇقىرى بېسىملىق سۇ، گاز بومبىسى ۋە ئوق بىلەن رەھىمسىزلەرچە مۇداخىلە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ پاناھلانغۇچىلار پىسەنت قىلماستىن، تېخىچە گىرېتسىيەنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئۈمىت قىلماقتا.

پاناھلانغۇچىلارنىڭ دىققىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرىشىدىغان ئەتىكى رەھبەرلەر يىغىنىغا مەركەزلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تېلېگراف يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈكىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق دىدىم رايونىدىن 42 پاناھلانغۇچىنى ئېلىپ، گىرېتسىيەگە ئۆتمەكچى بولغان كاۋچۇك كېمە توسۇپ قىلىندى.

ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دىدىم دېڭىز قىرغىقىدا كاۋچۇك كېمە بارلىقىنى بايقىغان دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئەترىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ كېمىنى توسۇپ قالغان.

كېمىدە 19 كىچىك بالا، 31 سۈرىيەلىك ۋە 11 پەلەستىنلىك بولۇپ، جەمئىي 42 پاناھلانغۇچى ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن قۇرغاققا ئېلىپ چىقىلغان.

چەتئەللىكلەرنىڭ كېرەكلىك رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر