تۈركىيە ئامېرىكانىڭ تۇنىس ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنىس ئەتچىخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1373910
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ تۇنىس ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۇنىستىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ھەمىشە تۇنىس بىلەن بىللىمىز.»

مەزكۇر ھۇجۇمدا بىر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلگەن، 4 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر