سۈرىيەدىن شېھىت خەۋىرى كەلدى بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە خاتىرجەملىك بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى سېپىدىكى ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، 6 كىشى يارىلاندى.

1371290
سۈرىيەدىن شېھىت خەۋىرى كەلدى بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 6 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا، «ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان 3138 ئەسەد ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى، 3 ئايروپىلان، 8 تىك ئۇچار ، 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 151 تانكا ، 47 زەمبىرەك / خوۋىتزېر ، 52 دانە كۆپ ستۋوللۇق زەمبىرەك، 8 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ، 12 تانكىغا قارشى مىلتىق ، 4 مىناميوت ، 24 برونىۋېك ئاپتوموبىل ، 27 برونېۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ، 34 قوراللىق پىكاپ ، 60 ھەربىي ماشىنا ۋە 10 ئوق دورا ئىسكىلاتى ۋەيران قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، «ھەرىكىتىمىز ئەسكەرلىرىمىزگە ۋە بىگۇناھ پۇقرالارغا تەڭلەنگەن قانلىق قوللار سۇندۇرۇپ تاشلانغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

تۈنۈگۈن كەچتە ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر