«قاپقان -7 قاراداغ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى

سىرت – شىرناك ئوتتۇرا لىنىيەسىدە «قاپقان -7 قاراداغ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

1369273
«قاپقان -7 قاراداغ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاراداغدا مۈكىنگەنلىكى بايقالغان تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن شىرناك رايونلۇق ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ۋە سىرت ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ھەمدە چاقىرسۇغۇت ژاندارما ئالاھىدە ئەترىتى تەرىپىدىن بىۋاستە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە يەنە، ساقچى ئالاھىدە قىسىم ۋە قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىن تەكشىللەنگەن 815 نەپەر خادىم شۇنداقلا 52 ئالاھىدە ھەرىكەت ئەتىرىتىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇقنى تەل تۆكۈس يوقۇتۇش ئۈچۈن قاپقان ھەرىكىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر