ئاقار چېگرا لىنىيەسىدە

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار چېگرا لىنىيەسىنىڭ نۆل نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىپ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى كۆزدىن كەچۈردى.

1368159
ئاقار چېگرا لىنىيەسىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 33 تۈركىيە ئەسكىرىنى شېھىت قىلىشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكدە چاقىرىلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى» دىن كېيىن،  ئاقار قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكيىلدىز بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىنىڭ نۆل نۇقتىسىغا يېتىپ باردى، ئاندىن خاتايدىكى ئىدلىبتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىغا ئۆتۈپ،  سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى ۋە بىرقاتار يوليورۇقلارنى بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقار بەششار ئەسەد كۈچلىرى نىشان قىلىنىۋاتقان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر