قالىن ئوبرىئېن بىلەن، چاۋۇشئوغلۇ ستونتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1367998
قالىن ئوبرىئېن بىلەن، چاۋۇشئوغلۇ ستونتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

بىراق، ھەر ئىككى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر