ئەردوغان: ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەگە پايدىلىق مەسىلىگە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەگە پايدىلىق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1367674
ئەردوغان: ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەگە پايدىلىق مەسىلىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ «سىياسەت ئاكادېمىيەسى» نىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، لىۋىيەدە ئىلگىرى دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە پايدىلىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەتنى تۈركىيەگە پايدىلىق ۋەزىيەتكە ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوخشاشلا ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ دۆلىتىمىزگە پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرگە ئايلاندى.»

ئىدلىبتا 3 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىراق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، رايوندىكى كىرىزىس توغرۇلۇق رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز <ئادانا كېلىشىمى> گە ئاساسەن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتتۇق. رۇسىيە قوللىمىسا بەششار ئەسەدنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزگە تاخاۋۇز قىلغانلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز. بىز بۇ رايوندا تېررورىزمنى خالىمايمىز. بۇ زېمىنلاردا ھۇزۇر ھەم تىنچلىق چېچەكلىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يۈز مىڭلارچە پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن ئەسەد بىلەن دوست بولۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر