ئەردوغان: رۇسىيە ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ ئىدلىب مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1365796
ئەردوغان: رۇسىيە ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتى ھارپىسىدا ئەنقەرە ئەسەبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەم ئىدلىبىتا ھەم لىۋىيەدە بىر ئىختىلاپ باسقۇچىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن ئىدلىبتىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئالاقە قىلىۋاتىمەن، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرىمىز ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىمىزنىڭ مەسئۇللىرىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.»

لىىۋيە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «لىۋىيەدە ھەفتەر دېيىلىدىغان قانۇنسىز بىر شەخس بار،  ئەبۇ زەبى ھۆكۈمىتى ئۇنى قوللىماقتا. تولىمۇ ئەپسۇسكى، رۇسىيەنىڭمۇ ئۇ يەردە <ۋاگنېر> دەپ ئاتىلدىغان 2500 كىشىلىك بىر بىخەتەرلىك ئەترىتى بار. بۇ ئەترەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئەبۇ زەبى ھۆكۈمىتىدۇر. بۇ ھەقتە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ھۆرمەتلىك پۇتىن ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈپ، يول خەرىتىسىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»

ئۇ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە قولىمىزدا يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلار بار، رۇسىيە تەرەپ ئىنكار قىلغان تەقدىردىمۇ، دەلىل – ئىسپاتلار ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «رۇسىيەدىن بىر ھەيئەت ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبەتلىرى ھەققىدە ماكرون بىلەن مېركېل ۋە پۇتىن ئوتتۇرىسىدا تولۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغىنى يوق. ھېچبولمىغاندا، ئىلگىرى پۇتىن بىلەن بېكىتىپ چىققان 5 – مارت  كۈنى ئىستانبۇل ياكى ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولۇشىمىز مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، لىۋىيەدە ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر