ئەردوغان: ئەسكەرلىرىمىز ئازراقلا زىيانغا ئۇچرىسا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە تۈركىيە قىسىملىرى ئازراقلا زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ھەممىلا جايدا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1358031
ئەردوغان: ئەسكەرلىرىمىز ئازراقلا زىيانغا ئۇچرىسا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئىدلىبتىكى پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە كۆزىنى يۇمۇۋالغان، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ۋە ۋىجدانىنى توڭلىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ تۈركىيە ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئازغۇنلۇقى، رادىكاللىقى، ساتقۇنلۇقى ۋە ئىغۋاگەرلىكىگە كۆز يۇمالمايمىز. ئىدلىبتا پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلغام ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەمدى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىمىز ئاشراقلا زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە، بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ھەممىلا جايدا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىمىز. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قېنى تۆۈلگەن بىر يەردە، ئۆزىنى قانچىلىك كۈچلۈك دەپ قارىسا قارسىۇن، ھېچكىمنىڭ ئەسلا خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن. بەششار ئەسەد كۈچلىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە <سوچى كېلىشىمى> نىڭ  چەك – چېگرالىرىنىڭ سىرتىغا؛ تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلرىىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەلىرىمىزنى ئىشقا سالىمىز، ئالداش خاراكتېرلىك تاكتىكىلارغا قەتئىي يول قويمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر