ئەردوغان ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاندا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنى ۋە ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1354369
ئەردوغان ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەلازىغدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ۋە سۈرىيە ئىدلىبتە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا، شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى، ھەر دائىمقىدەك، بىر يۈرەك، بىر مۇشت بولغان؛ كۈچىنى، چىداملىقىنى ۋە تەمكىنلىكىنى بىر قانچە قېتىم دۇنياغا كۆرسەتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئىنشائاللاھ بۇ مەزگىلدىنىمۇ دۆلەت-خەلق ھەمكارلىقى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاپەتلەرگە قارشى تەييارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يارالىرىمىزنى تېزلىكتە تېڭىپ، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەت، بالايى-قازالارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزنى، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرىنى، غازىلىرىمىزنى ھەر دائىمقىدەك قۇچاقلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز. ھەر دائىمقىدەك، بۇ مۇساپىدىمۇ بارلىق ئىدارە-ئورگانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خەلقىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز.»      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر