ئەلازىغدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 22 گە ۋە يارىدارلارنىڭ سانى 1243 غا يەتتى

ئەلازىغ ۋىلىيتىگە قاراشلىق سىۋىرجە ناھىيەسىدە تۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 20:55 ئۆتكەندە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ھاياتىدىن ئايرىغانلارنىڭ سانى 22 گە ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 1243 غا يەتتى.

1347113
ئەلازىغدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 22 گە ۋە يارىدارلارنىڭ سانى 1243 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر يۈزىدىن 6 كېلومېتىر 75 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش تەخمىنەن 40 سىكۇنت داۋاملاشتى.

يەر تەۋرەش ئادانا، ھاتاي، ئوسمانىيە، تۇنجەلى، غازى ئانتەپ، شانلىئۇرفا، مالاتيا، ماردىن، سامسۇن، توقات، چورۇم ۋە قەيسىرىدىن باشقا يەنە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىمۇ ھېس قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سۆيلۇ، مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك خىزمەتلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، سەھىيە مىنىستىرى فەخرىتتىن كوجا، يەر تەۋرەش ئاپتى يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ بېرىپ، ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. 

ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىق تۇرۇش ئىدارىسى، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، دۆلەتلىك سەھىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ئوت ئوچۈرۈش ئەترىتى، سەھىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە ياردوم بويۇملىرى شۇنداقلا بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن رايونغا ياللاندى.

قاندىللى رەستخانىسى بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ 6.5 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن رايوندا 228 قېتىم قوشۇمچە تەۋرەش يۈز بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلماقتا.

ئەردوغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر