ئەنقەرە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە ۋەكىلىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ نارازىلىقىنى يەتكۈزدى

مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قاھىرە ئىشخانىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1341674
ئەنقەرە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە ۋەكىلىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ نارازىلىقىنى يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرە ئىشخانىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلىگە تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى يەتكۈزۈلگەن.

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 2013 – يىلىدىن بۇيان ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋەكىل تۇرغۇزۇش سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

مىسىر ساقچىلىرى تۈنۈگۈن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرەدىكى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىرى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 4 خىزمەتچىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

ئىشخانىغا سائەت 18:00 ئەتراپىدا كىرگەن مىسىر ساقچىلىرى، ئامانلىق كامېرالىرىنى تاقاپ، ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن ئەتىگەنگىچە ئىشخانىنى تەكشۈرگەن، خىزمەتچىلەرنىڭ پاسپورت، يانفون ۋە كومپيوتېرلىرىنى تارتىۋېلىپ سىرت بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانىدى.

مىسىر ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئىشخانىغا بارغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئادۋوكاتىغا تەكشۈرۈش سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغانىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، مۇخبىرلارنىڭ نېمىشقا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا مىسىر دائىرىلىرىدىن مەلۇمات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر