ئامېرىكىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيە تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ئامېرىكالىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيەنى تونۇشتۇردى.

1341252
ئامېرىكىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيە تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسى بىلەن يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورتاق پائالىيەتتە، ئامېرىكالىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيە تونۇشتۇرۇلدى.

ۋاشىنگتون دۆلەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە بارنارد باشلانغۇچ مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى مەسئۇللىرى، بۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچىدن سىرت يەنە، تۈرك تارىخى، تائاملىرى، مەدەنىيىتى ۋە ناخشا – مۇزىكىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، تۈركىيە تونۇشتۇرۇلغان فوتو سۈرەتلەر بىلەن تۈرك لوقۇمى تەقدىم قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، باش ئەلچىخانا تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى، ئامېرىكالىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت  ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چەت ئەل مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. ھەر بىر سىنىپ ئوخشىمىغان بىر دۆلەتنىڭ باش ئەلچىخانىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىدىغان بۇ پىروگراممىدا، ئوقۇغۇچىلار يىل بويى بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر