ئەردوغان گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بېرلىن يىغىنى»غا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 19 – يانۋاردا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا بارىدۇ.
1339774
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا لىۋىيەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ. يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۈزۈل – كېسىللىككە ئىگە بولۇشى ۋە لىۋىيەدىكى كىرىزىسقا سىياسىي چارە تېپىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.