تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «لىۋىيە قارارنامىسى» غا تەييارلانماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە «لىۋىيە قارارنامىسى» ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنمەكتە.

1331059
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «لىۋىيە قارارنامىسى» غا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامىسى» نىڭ 30 – دېكابىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشقۇرۇش ھەيئىتىگە سۇنۇلۇش، ئومۇمىي كېڭەشتىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ بولسا 2020 – يىلى 2 – يانۋار كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، خامچوت لايىھەسى مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىن، 7 – يانۋار سەيشەنبە كۈنىگىچە پائالىيەتلىرىنى توختاتقانىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامىسى» نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان ھامان مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

لىۋىيەنىڭ تۈركىيەدىن رەسمىي ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، قارارنامىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قارارنامىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى ئېنىق بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر