تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئوساكاغا قايتىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە قايتىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارارلاشتۇردى.
1326248
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بىلال ئەكشى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئوساكاغا 2020 – يىلى 14 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ھەپتىدە 4 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن قايتىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلايمىز.»