فاھرەتتىن ئالتۇن: مۇساپىرلار كىرىزىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يەر شارى مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1324933
فاھرەتتىن ئالتۇن: مۇساپىرلار كىرىزىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردا ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەڭ رىياسەتچىلىك قىلغان 1-قېتىملىق يەر شارى مۇساپىرلار مۇنبىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ مەسىلىدىن بىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يەر شارى مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. تۈركىيە 4 مىليون مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتىدۇ. سۈرىيە بىلەن ئىراقتا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان يۈز مىڭلارچە كىشىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. پەقەت رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادا قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزۇتۇۋاتىدۇ.»

ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانىي كىرىزىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ھەرىكەتنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«بىز مەزكۇر مەسىلىدە ھەم ياردەم قىلىۋاتىمىز ھەمدە باشلامچىلىق قىلىۋاتىمىز. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇساپىرلارنى ئىنسان سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى خەۋپسىزلىك تەھدىتى سۈپىتىدە كۆرمەكتە. تۈركىيە خەلقى بولسا، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، مىليونلارچە سۈرىيەلىككە ۋە ئىراقلىققا، ئافغانىستانلىققا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىۋاتىدۇ. باشقىلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسىمۇ، بىز ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە سەككىز يىلدا ئىقتىسادىنىڭ بىر قىسمىنى بۇ مەقسەتتە ئىشلەتتى. بۇ مەسىلىدە، خەلقئارالىق ياردەمنىڭ يېتەرسىز قالغانلىقى نومۇس قىلارلىق ئەھۋال. خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر