ئامېرىكا باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داۋىد م.ساتتېرفىلد (David M. Satterfield) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرى ئۈستىدە چىقارغان قارارى سەۋەبىدىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1323100
ئامېرىكا باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدار ئۆنالنىڭ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىغا مۇناسىۋەتلىك نارازىلىقىنى ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد م.ساتتېرفىلدقا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى بۈگۈن (13-دېكابىر) مەزكۇر قارارغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2019-يىلى ئاپرېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەكس ئەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 2019-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئاتالمىش 1914-يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان سۆزىدە، «چوڭ پالاكەت» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرمەنچە «مېدس يېغېرن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر