ئەردوغان جەيلان ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ بەخت تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇلغان جەئفەر جەيلاننىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ بەخت تىلىدى.

1320758
ئەردوغان جەيلان ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ بەخت تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2000 – يىلى دۇنياغا كەلگەن، 2015 – يىلى پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تاغقا ئېلىپ قېچىلغان جەئفەر جەيلاننىڭ ئانىسى خاتىجە جەيلان ۋە ئاتىسى ئابدۇلقادىر جەيلانغا تېلېفون قىلدى.

ئەردوغان، دىيارباكىرلىق ئانىلارنىڭ تاغقا ئېلىپ قېچىلغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان خاتىجە جەيلانغا تەسەللىي بەردى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەخت – سائادەت تىلىدى. جەيلاننىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تاغقا ئېلىپ قېچىلغان بالىلارنىڭ بالدۇرراق ئائىلىلىرىنىڭ قېشىغا قايتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

پ ك ك ۋە يانتاياقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خاتىجە جەيلان، «مەن كوردمەن، يولدىشىم كورد، ئۆيىمىزدە ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇۋاتىمىز. ھازىرغىچە ھېچكىم بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشمىدى. مېنىڭ بالام 4 يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلدى. ئاللاھ ھەممىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى نېسىپ قىلسۇن. شۇنچە ئەسكەر، شۇنچە ساقچى نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟ بۇ يەردە كورد – تۈرك مەسىلىسى يوق. (ئۇلار) پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دەردى ئۈچۈن ياشلارنى ئۆلتۈرگۈزۈشمەكتە» دېدى.

پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوتۇلدۇرۇلغان جەئفەر جەيلان، دىيارباكىرنىڭ مەركىزىي قاياپىنار ناھىيەسىدىن 4 يىل بۇرۇن 15 ياش ۋاقتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تاغقا ئېلىپ قېچىلغانىدى.

تاغقا ئېلىپ كېتىلگەن ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى دىيارباكىر ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن خاتىجە جەيلان 8 – ئۆكتەبىردە ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقانىدى. ئانىسىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جەئفەر، تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىن قاچقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر