ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

بىرى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، يەنە بىرى پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بولۇپ جەمئىي ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

1316564
ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا قىلغان راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا تېگىشلىك زەربە بېرىلگەنلىكى، بېكىتىلگەن نۇقتىلارنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ بالنېستقا يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىلەرگە ۋە يارىدار ئەسكەرلەرگە شىپالىق تىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر