تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇرۇبا لىنىيەسى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى بولغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى  ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلدى.

1315283
تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇرۇبا لىنىيەسى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنەنىڭ ئىپسانا ناھىيەسى سارىجائالى يېزىسىدىكى ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  TANAP MS4  ئۆلچەش ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمىغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

تەخمىنەن 7 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان لىنىيە بۈگۈن گىرېتسىيە چېگراسىدىكى ترانس ئادرىياتىك تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتۇتاشتۇرۇلدى.

لىنىيە ياۋروپا تەرىپىدىكى باسقۇچلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن  TAP  ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى باشلىنىدۇ.

ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا 2011 – يىلى 24 – دېكابىر كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق باشلانغانىدى.

بۇ دائىرىدە ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (SOCAR) تەرىپىدىن ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش شىركىتى قۇرۇلدى.

شىركەتكە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

لايىھەنىڭ قانۇنىي قۇرۇلمىسى 2012 – يىلى 26 – ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ۋە «ساھىبخان ھۆكۈمەت كېلىشىمى» ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلدى.

«ساھىبخان ھۆكۈمەت كېلىشىمى»  2014 – يىلى 10 – سېنتەبىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

لىنىيە 2018 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاتناشقان مۇراسىم ئارقىلىق ئەسكىشەھىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

تۈركىيەگە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئېتىبارى بىلەن 3 مىليارد 180 مىليون كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز كەلدى.

ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 16 مىليارد كۇب مېتىر بولغان تۇرۇبا لىنىيەسىدىن تۈركىيەگە كەلگەن تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ يېقىندا 6 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا.

قالغان 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز TAP  ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدۇ.

لىنىيەنىڭ تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدا ئارداھاننىڭ پوسوف ناھىيەسى تۈركگۆزۈ يېىزىسىدا باشلىنىدىغان سەپىرى، قارس، ئەرزۇرۇم، ئەرزىنجان، بايبۇرت، گۈمۈشھانە، گىرەسۇن، سىۋاس، يوزگات، قىرشەھىر، قىرىققەلئە، ئەنقەرە، ئەسكىشەھىر، بىلەجىك، كۈتاھيا، بۇرسا، بالىكەسىر، چاناققەلئە، تەكىرداغ ۋە ئەدىرنە قاتارلىق 20 ۋىلايەت ۋە 67 ناھىيەدىن ئۆتۈپ، تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىدە،  SOCAR  ۋە  جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورى شىركىتىنىڭ % 51، تۇرۇبا لىنىيەلىرى شىركىتى بىلەن نېفىت يۆتكەش شىركىتىنىڭ % 30، BP نىڭ % 12،  SOCAR  تۈركىيە ئېنېرگىيە شكىرىتىنىڭ % 7 ئۈلۈشى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر