ئالتۇن: ناتو دۆلەتلىرى ئورتاق مەنپەئەتلەرنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو دۆلەتلىرىنىڭ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مەنپەئەت ۋە خەۋپسىزلىكنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1314610
ئالتۇن: ناتو دۆلەتلىرى ئورتاق مەنپەئەتلەرنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك قارشى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان تۈركىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىدىن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۈتمەسلىكى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ناتونىڭ كۈچى ۋە پائاللىقىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئالتۇن، «ناتودىمۇ باشقا بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكىگە ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھات ۋە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بۇ مۇساپىگە رەھبەرلىك قىلىشمۇ ناتو ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاستىدىدۇر»  دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا ناتونىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ۋە ناتو ئىچىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن فاھرەتتىن ئالتۇن، «ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىشكە چاقىرىق قىلماقتىمىز. مەسئۇلىيەتچان ھەربىر ئەزا دۆلەت ۋە رەھبەر ئۆز ئىسلاھات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك» دېدى.

 ئۇ يەنە، «بىر دۆلەت (فىرانسىيە) نىڭ ئۆز تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى، خاتا تاللاشلىرى، ئىستراتېگىيەلىك نوپۇزىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشى ۋە ئىچكى ھېساباتلىرى تۈپەيلى ناتونى ئەيىبلىشى ناتوغا قىلىنغان ناھەقچىلىكتۇر. بۇ شۇنداقلا فىرانسىيە خەلقىگىمۇ ئېغىر ناھەقچىلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر