سۇلايمان سويلۇ: 11 نەپەر فىرانسىيەلىك دائېش ئەزاسىنى فىرانسىيەگە يوللايمىز
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ 11 نەپەر فىرانسىيەلىك ئەزاسىنى دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا فىرانسىيەگە يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ ئىرمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەگە رايونى كۆچمەنلىك، بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ماسلىشىش مۇنازىرە يىغىنى» دا نۇتۇق سۆزلىدى.
ھازىرچە ئۆز يۈرتلىرىغا قايتقان سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 370 مىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ «بەزىلەر بۇنى يېتەرلىك كۆرمەسلىكى مۇمكىن، مۇھىم بولغىنى بۇ ئېقىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن ئېغىر تەرتىپىسىز كۆچمەنلىك مەسلىىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرىۋاتىمىز ۋە بۇ ئەھۋال بارغاچە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. 2016 – ۋە 2017 – يىللىرىدا 175 ياكى 176 مىڭ، 2018 – يىلدا 268 مىڭ بۇ يىل قانچىلىك بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنقى جۈمە كۈنى 450 مىڭ ۋە 430 مىڭ ئارىسىدا ئىدى» دېدى.
سۇلايمان سويلۇ نازارەتكە ئېلىنغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «11 نەپەر فىرانسىيەلىك دائېش ئەزاسىنى مۇشۇ دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا فىرانسىيەگە يوللايمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.