«<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى -3» دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1309245
«<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا <پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى – 3 دائىرىسىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىىرمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، مەزكۇر رايوندا قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى - 3»  دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 10 تېررورچى ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلىرى ۋە يېقىلغۇلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر