ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالماسلىقى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىرقانچە دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1302612
ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ۋېنگىرىيەدە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋېنگىرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە بىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان باش مىنىستىر ئوربان ئەپەندىمگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندىن بۇيان تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ئىجابىيلىقتىن يىراقتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىرقانچە دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىماسلىقى لازىم. باشقىچە ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇش ئارقىلىق ئەسلىدە بىزگە ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىش كېرەك. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، بەزى ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش ئەللەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى، ھەمكارلىق ئورنىتىشى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تېررورىزمنىڭ، تېررورچىنىڭ ياخشىسى، يامىنى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، <مېنىڭ تېررورچىم ياخشى. سېنىڭكى ناچار> دېگىلى بولمايدۇ. تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىدىغان بولساق، قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز شەرت. ئاخىرىدا، ئارمىيەمىزنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىغان باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان ئەپەندىمگە ۋە ۋېنگىرىيەگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر