تۈركىيە-رۇسىيە قىسملىرى ئىككنچى چارلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى

سوچى كېلىشىمى رامكىسىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق چارلاش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

1300709
تۈركىيە-رۇسىيە قىسملىرى ئىككنچى چارلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفا ۋىلايىتى سۇرۇچ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى بىر نۇقتىدىن تۆت ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەركىپ تاپقان تۈركىيە ھەربىي قىسمى ئورتاق چارلاش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈپ رۇسىيە ھەربىي قىسمى بىلەن ئۇچراشتى.

تۈركىيە ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ئاينۇلئارابنىڭ شەرقى بىلەن تېلئابيادنىڭ غەربى ئوتتۇرىسىدىكى جايدا چارلاش ئېلىپ باردى. چارلاش ئېلىپ بارغان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەمراھ بولدى.

چېگرانىڭ 0 نۇقتىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى كۆزەتمەكتە.

سوچى كېلىشىمى رامكىسىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چارلاش خىزمىتى 2019-يىلى 1-نويابىر (جۈمە) راسۇلئايننىڭ شەرقىگە 40 كىلومېىتر كېلىدىغان جاي بىلەن كامىشلىنىڭ غەربىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جاينىڭئوتتۇرىسىدىكى رايوندا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر