سۈلەيمان سويلۇ: ھازىر تۈرمىلىرىمىزدە 1200 گە يېقىن دائېش ئەزاسى بار

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇ تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1299692
سۈلەيمان سويلۇ: ھازىر تۈرمىلىرىمىزدە 1200 گە يېقىن دائېش ئەزاسى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بىر مۇخبىرنىڭ گوللاندىيەلىك دائېش ئەزاسى ئىككى ئايالنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە كېيىنكى ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋابەن، ھازىر تۈرمىلەردە 1200 گە يېقىن دائېش ئەزاسى بارلىقىنى ئېيتتى.

سۇلەيمان سۆيلۇ بولۇپمۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك ۋە دائېشقار قارشى تىنلچىق بۇلىقى ھەرىكىتىدىن كېيىن، قولىدا بىر قىسمى ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان دائېشقا ئەزا 287 كىشى قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈلەيمان سويلۇ: «تۈرمىلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى چەت ئەللىك تېررورىستلار . بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركەزلىرىمىزدىمۇ چەت ئەللىك تېررورىستلار بار» دېدى.

سۈلەيمان سۆيلۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دائېش ئەزالىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بەزى دۆلەتلەر <بۇلارنى پۇقرالىقتىن چىقىرىپ تاشلايلى> دېيىشىۋاتىدۇ. بىز قولىمىزدىكى دائېش ئەزالىرىنى مەيلى پۇقرالىقتىن چىقىرىپ تاشلىسۇن ياكى تاشلىمىسۇن، بۇنىڭدىن قەتئىينەزەر ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر