تۈركىيە «سوچى كېلىشىمى» ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «سوچى كېلىشىمى» ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى.

1296889
تۈركىيە «سوچى كېلىشىمى» ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 22 – ئۆكتەبىر كۈنى سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمى ۋە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى»  توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «سوچى كېلىشىمى» ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «22 – ئۆكتەبىر كۈنى <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمى توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سوچىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا سۈزگۈرلۈكىمىز ئىنتايىن يۈكسەكتۇر. 150 سائەتلىك مۆھلەتنىڭ توشۇشىدىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدىن ئېتىبارەن 30 كىلومېتىر سىرتقا، ھەمدە مۇنبىچ ۋە تەل رىفئەت سىرتىغا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەۋجۇت <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ساھەسىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ غەربىي ھەم شەرقىي قىسمىدا 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا، قامىشلى شەھىرىدىن باشقا جايلاردا، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە چارلاش مەنزىلگاھلىرىدا مىنا، پارتلاتقۇچ تازىلاش پائالىيەتلىرى ھەم چارلاش ئۇچۇشلىرى باشلاندى. چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قانداقتۇر بىرەر تېررورلۇق كارىدورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايمىز. دائېش ۋە پ  ك ك/ي پ گ  قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق رايوندا <تىنچلىق كارىدورى> شەكىللەندۈرۈلۈپ،  يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەنم=، ھەمدە بىخەتەر ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر