تۈركىيە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدىكى بىر جامەگە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1290802
تۈركىيە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نانگارھار ۋىلايىتىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا بىگۇناھ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نانگارھار ۋىلايىتىدىكى بىر جامەگە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدا 63 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 36 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر