«ي پ گ / پ ك ك ئامېرىكىنىڭ دوستى ئەمەس»

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ-پ ي د/پ ك ك نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دوستى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1290355
«ي پ گ / پ ك ك ئامېرىكىنىڭ دوستى ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىلىچ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «‹ PBS › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ « News Hour » پىروگراممىسىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بۇ كېلىشىمنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئەمەسلىكىنى، چۈنكى «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نىڭ قانۇنلۇق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ رايوندىكى ي پ گ / پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىشى دېگەن مەنىنى بلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ۋاشىنگتوندا «سۈرىيەلىك كوردلار» بىلەن «ي پ گ / پ ك ك ئۇنسۇرلىرى» نى ئايرىش مەسىلىسىدە جىددىي ئۇقۇشماسلىق بارلىقىنى، ي پ گ / پ ك ك نىڭ رايوندا ياشاۋاتقان بارلىق كردلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن ي پ گ / پ ك ك نىڭ مەۋجۇدىيىتى جىددىي تەھدىتتۇر. سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىمىز ي پ گ / پ ك ك بىلەن دائېش نى يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. دەرۋەقە پ ك ك  خەلقىمىزدىن 40 مىڭ كىشىنى قەتل قىلدى. ئامېرىكىلىق جۇمھۇرىيەتچى پلاتا ئەزاسى گراھام بىلەن دېموكراتچى كىرىسۋان ھوللېننىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى توغرۇلۇق قانۇن لايىھەسى سۇنۇشى تۈركىيە خەلقىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ي پ گ / پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ باشتىلا خاتا قىلدى. بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. پ ك ك/ي پ گ/پ ي د ئامېرىكىنىڭ دوستى ئەمەس، ماركسىزىمچى بىر گۇرۇپپىدۇر. بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوغداشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر