ئاقار ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نەجاھ ھەسەن ئەلى ئەلشامارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1288748
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە كىرىزىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.