ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ۋە دائېش تەھدىتى پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1286999
ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بورىس جونسون بىلەن ئۆتكۈزۈگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە 9 – ئۆكتەبىردە باشلانغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك / ي پ گ ۋە دائېش تېررورى خەۋپى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلانغۇچە ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق زېمىنلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ پىداكارلىق بىلەن خاتىرجەم ھالدا قايتىشلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بورىس جونسون بولسا، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى رولىنى ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلارغا ھەمنەپەس بولۇش جەھەتتىكى مەرتلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر