ئەنقەرە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلىشىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ / پ ك ك نىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇش ۋە ئەرەب دۇنياسىغا خىيانەت قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1287126
ئەنقەرە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋزى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا، پ ي د / ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بىرىنچى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ قۇربانىنىڭ سۈرىيەلىك ئەرەبلەر ئىكەنلىكىنى، يۈز مىڭلارچە ئەرەبنىڭ تەشكىلات تەرىپىدىن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆيلىرى ۋە زېمىنلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا جاۋاب بېرىپ، «ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋە ئەرەب خەلقىنىڭ ساداسى بولۇشى كېرەك بولغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىنىڭ، سۈرىيەلىك ئەرەبلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا سۈرىيەدە ئەرەبلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىغا ۋە ئەرەب ۋەتىنىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تېررورچىلارغا ئىگە چىقىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دېدى.

ھامى ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «باشتا قۇددۇس بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى يۈز مىڭلارچە ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قانۇنسىز سىياسەتلەر ۋە زۇلۇملارغا قارشى ئاۋازىنى چىقارمىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قەست قىلىۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قويۇپ دۆلىتىمىزنى ئىشغالچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇش ۋە ئەرەب دۇنياسىغا خىيانەت قىلىشتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ، تۈركىيەنىڭ “تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتىنى ئەيىبلەپ، «تۈركىيەنىڭ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغدىشىدىن، قۇددۇسنىڭ ئىشغالچىلارغا تاشلاپ بېرىلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشىدىن، جىنايەتلەرگە ياكى يەمەندە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدەك ۋەقەلەرگە قارشى چىقىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلارنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى ئەرەبلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر رايوننىڭ پ ك ك تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن، بىگۇناھ ئەرەبلەرنىڭ يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنىشىدىن، ئەرەب يېزىلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىدىن قىلچىلىك بىئاراملىق ھېس قىلمىغانلارنىڭ، تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئىپتىخارلىق ئىشتۇر» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى شەرقىي ياۋروپانى چۈشىنىشتىمۇ ئاجىز، تۈركىيەنى چۈشىنىش ئۈچۈن ماھىيەتلىك زېھنىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. <ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە ئىشقا ئەرزىيدۇ> دېگەن سوئال نۆۋەتتە ياۋروپانىڭ ھەممىلا يېرىدە سورىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيەگە قارىتا سىياسىي ئەقلىنى يوقىتىپ قويغان بىر تەشكىلاتتەكلا گەپ قىلماقتا. پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئۆز چېگرالىرىنى ۋە دېموكراتىيەسىنى تېرروردىن مۇداپىئە قىلىۋاتقان تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەرەبلەرنى ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى تېررورچىلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپتۇ. ئەرەبلەر، كوردلار، تۈركمەنلەر تېررورنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان چاغلاردا زۇۋانىنى چىقارمىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن بىئاراملىق ھېس قىلماقتا. ئەرەب كوچىلىرىدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ باياناتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بىرمۇ كىشى يوقتۇر. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوچۇقتىن ئوچۇق، ئەرەب زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىماقتا. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلىشى، تېررورنى قوللاشتۇر، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر