ئىراق شىمالىدا پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە ھافتانىن رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1283882
ئىراق شىمالىدا پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە ھافتانىن رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى نەتىجىسىدە خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى 9 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدىمۇ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر